قارا بۇغداينى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى
قارا بۇغداي-ئاشلىق زىرائەتلەرنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك .ناچار شارائىتلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ.ئۈنۈمسىز يەرلەردىمۇ ،خېلى ياخشى ئۆسىدۇ. قارا بۇغداينىڭ دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولى بولغاچقا ،ئۇنى ئۆستۈرۈش مۇھىم ئىستىبالغا ئىگە ،ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى مۇنداق بۇلىدۇ.
1. 1.ئۇرۇق سۈپىتىنى
ئۆستۈرۈش :
قارا بۇغداي ئۇرۇقىنىڭ ھاياتلىق ۋاقتى قىسقا بۇلۇپ، بىر يىل ئۆتۈپ كەتسە ئۈنمەيدۇ.ئادەتتە، ئۇرۇق قاسرىقىنى ئاجراتقاندا رەڭگى يېشىل بولسا بېخلىنىدۇ. سېرىق بولسا بىخلانمايدۇ ياكى بىخلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.شۇڭا، دان رەڭگى يېشىل بولغان ئۇرۇقلارنى تاللاپ تېرىش كېرەك .
2.مۇۋاپىق پەيتتە
تېرىش:
ھاۋا تىمىراتۇرسى 16~20 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەندە تېرىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.چېچەكلەپ دان تۇتۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا25~30 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، 15 گرادۇستىن تۆۋەن ،30 سېلسىي گرادۇستىن يۇقىرى بولسا چېچەكلەپ دان تۇتۇشقا پايدىسىز بولىدۇ.
ئاساسىي ئۇغۇتنى يىتەرلىكبىرىش :
ھەر مو يەرگە مەھەللىۋى ئۇغۇتتىن 3توننا،دى ئاممۇنىي فوسفات ئوغۇتتىن 15~20 كىلوگرام ،ئۇرىيادىن 5 كىلوگرام بېرىپ،ئاغدۇرۇش كېرەك.
3.تېرىش
ئۇسۇلى:
ئادەتتە قۇرلاپ تېرىلىدۇ.قۇر ئارلىقى 33 سانتېمىتىر ئەتراپىدا، چۇڭقۇرلىقى 3~4 سانتېمىتىر بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.ھەر مو يەرگە 3.5~4 كىلوگرام ئۇرۇق سېلىنىدۇ.
4.ئېتىز
پەرۋىشى :
1) مايسا 7~8 سانتېمىتىر ئۆسكەندە يەر يۇمشىتىلىپ ئوت-چۆپلىرى ئوتىلىدۇ ھەمدە تۈپ ئارلىقى 10~13 سانتېمىتىر قىلىپ مايسا شالاڭلاشتۇرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن توپىسى يەنە ئىككى قىتىم يۇمشىتىلىدۇ.
2) مايسا 10~13 سانتېمىتىر بولغاندا ھەر مو يەرگە ئۇرىيادىن 7~10 كىلوگرام بېرىلىدۇ.
3) تازا چېچەكلەش مەزگىلىدە ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىمدىن جەمئىي ئىككى قېتىم چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 8~10 لاردا ئارغامچا تارتىپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇلىدۇ.
4) كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۇقىتىش تەدبىرلىرى ئىشلىنىدۇ.
5) ۋاقتىدا
6) يىغىۋېلىش:
7) قارا بۇغداينىڭ پىشىش ۋاقتى بىردەك ئەمەس ،شۇڭا.ئاستى تەرەپتىكى دانلارنىڭ 20 پىرسەنتى پىشقاندا ،چۈشتىن بۇرۇن شەبنەم قۇرۇشتىن ئىلگىرى يىغىۋېلىنىدۇ.
ئۇزار تۇرىدىن ئېلىندى.
تەييارلىغۇچى:تۇنساگۇل
altikin altikin